ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتكۈل تىرىشچانلىقلارغا قارىماي ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

212728
ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن 8 ئاي ئىچىدە 8 مىڭ 153 كىشى ئېبولدا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان. مۇشۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8 مىڭ 981 گە يەتكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، غەربىي ئافرىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
دائىرىلەر، بۇ رەمەقلەرنىڭ پەقەت دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، دوكلاتقا كىرگۈزۈلمىگەن كۆپ ساندىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر