تۇنىستا ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

تۇنىستا يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

212730
تۇنىستا ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 217 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 166 پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى قوللاپ، 30 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.
ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن ھابىب سىد باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ۋە لائىقلىق تەرەپدارى نىدا تۇنۇس پارتىيەسى بىلەن مۇھاپىزىكار نەھدە ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالغان ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.
تۇنىستا بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا نىدا تۇنىس پارتىيەسى بىرىنچىلىككە، نەھدە ھەرىكىتى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى.
پىرېزىدېنت باجى سىبسى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان نىدا تۇنىس پارتىيەسى نامزاتى ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھابىب سىد، ئۆتكەن ئاي ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان، ئەمما نەھدە ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پارتىيەلەر بۇ ھۆكۈمەتنى تەستىقلىمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن نەھدە ھەرىكىتى ئەزالىرىمۇ داخىل بولغان بىر ئىچكى كابىنېت تەشلىل قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر