تەيۋەندە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

تەيۋەندە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى تېپىلغان 4 - جەسەت بىلەن 35 كە چىقتى.

212886
تەيۋەندە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا كاشىلا چىققاندىن كېيىن، تەمكىنلىك بىلەن ئۇچۇش يۆنۇلۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئايروپىلاننى كىلۇڭ دەرياسىغا قوندۇرغان ئۇچقۇچى «قەھرىمان» ئېلان قىلىندى. ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئايروپىلان كۆككە كۆتۈرۈلۈپ 35 سېكۇنت ئۆتكەندە ئوڭ تەرەپتىكى موتوردىن چاتاق چىققانلىقى بايقالدى.
دەريادىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. دەريادا تېپىلغان 4 – جەسەت بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 35 كە چىققان بولدى. يەرلىك تاراتقۇلار، تېپىلغان جەسەتلەردىن ئۈچىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ھازىرغىچە تېپىلمىغان سەككىز ئادەم ئۈچۈن ئىزدەش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
تەيبېيدىن كىنمىن شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا 53 يولۇچى ۋە سەككىز ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر