مېركېل بىلەن ئولاند ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا

مېركېل بىلەن ئولاند ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

213142
مېركېل بىلەن ئولاند ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىشىۋاتقان توقونۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇئا ئولاند بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان تىنچلىق پىلان لايىھەسى ئۈستىدە بۈگۈن كەچتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.
ئىككى رەھبەر بۇ ئۇچرىشىشتىن ناھايىتى ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تىنچلىق پىلانىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىدى.
مېركېل بىلەن ئولاند تۈنۈگۈن كىيىۋدە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتىكى كىرزىسنى تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە توختالغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا مەسئۇللىرى بىلەن بۆلگۈنچى رۇسىيە كۈچلىرى توقۇنۇشلار بولىۋاتقان رايونلاردا بىخەتەرلىك كارىدورى بەرپا قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان.
توقۇنۇشلار قويۇق بولىۋاتقان دېبالتسېۋوغا ئوزۇق-تۈلۈك، دورا-دەرمەك قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر