ئوباما ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى.

212007
ئوباما ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ مۇسۇلمان ئەربابلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، «سەھىيە ئىسلاھاتى، مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش مەسىلىلىرى، ئاق ساراينىڭ 18 – فېۋرالدا چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش يىغىنى» قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئىشتىراكچىلارغا ھەر خىل ساھەلەردىكى خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن رەھمەت ئېيتقان ئوباما، ‹ئېتىقادىي جەھەتتە پەرقلىق قاتلاملار بىلەن مۇنتىزم دىيالوگ ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقى› نى قەيت قىلدى.

ئوباما، «ھۆكۈمەتنىڭ يامان كۆرۈش ماھىيەتلىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى» نى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى.

«ئىسلام نامىدىن قورقۇنچلۇق زوراۋانلىقلارنى سادىر قىلىۋاتقان دائېش (ئى ش ئى د) ۋە باشقا گوروھلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە توختالغان ئوباما، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئوباما ئىشتىراكچىلارغا بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر