ئى ش ئى د نىڭ 3خىتاي پۇقراسىنىڭ بېشىنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئى ش ئى د (دائېش) قا قېتىلغاندىن كېيىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

212365
ئى ش ئى د نىڭ 3خىتاي پۇقراسىنىڭ بېشىنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرى ، بۈگۈن (پەيشەنبە/ 5- فېۋرال) خىتاينىڭ بىر رەسمىي گېزىتىدە، سۇرىيە ۋە ئىراقتا ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىدە ئى ش ئى د (دائېش) قا قېتىلغاندىن كېيىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، بېيجىڭنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ كۈچىيىپ كېتىپ ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستان ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چېگراداش كېلىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىدا كۆپلەپ ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئى ش ئى د قا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىش ئىرادىسىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى ھازىرغىچە ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى «گلوبال تايمز» گېزىتى 2014- يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋىرىدە، 300 دەك خىتاي پۇقراسىنىڭ ئى ش ئى د سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئەتراپلىق توختالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەنلا كۇپايىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي، دۇنيانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكىنى ھىمايە قىلىش يولىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق كۈچلىرىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار.»

خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى، ئىسمى بايان قىلىنمىغان بىر كورد جامائەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ «ئى ش ئى د سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيەدە جىھاد قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن بىر خىتاي پۇقراسىنى تۇتۇۋېلىپ، سوتلىغاندىن كېيىن ئېتىۋەتتى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

گېزىت، مەزكۇر كورد ئەمەلدارنىڭ يەنە «ئى ش ئى د دېكابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا خىيانەت قىلىش ۋە قېچىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ ئىككى نەپەر ئاشقۇن خىتاي پۇقراسى بىلەن بىرلىكتە 6 دۆلەتتىن كەلگەن باشقا 11 كىشىنىڭ بېشىنى ئالدى» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ نەقىل كەلتۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئىسىملىك بىر تەشكىلاتنى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر