مېكسىكىلىق بىر تۈركۈم ئائىلىلەر ب د ت غا ئەرز قىلدى

پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ئالالمىغان مېكسىكىلىق بىر تۈركۈم ئائىلىلەر ب د ت غا ئەرز قىلدى.

211944
مېكسىكىلىق بىر تۈركۈم ئائىلىلەر ب د ت غا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا بۇلتۇر ئېلىپ قېچىلغان 43 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسىغا ئەرز قىلدى.
مېكسىكىدا ھۆكۈمەت ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان مەسئۇللارغا ئىشەنمىگەن ئائىلىلەر، مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئېلىپ قېچىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلەرنىڭ ئادۋۇكاتىمۇ مېكسىكا ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھەق ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بۇ ئائىلىلەرگە يېقىندىن ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئايوتزىناپا پىداگوكا مەكتىپىدە 43 ئوقۇغۇچى بۇلتۇر 26-سېنتەبىردە ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئېلىپ قېچىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە تۇتۇپ بېرىلگەنىدى.
مېكسىكىدا بۇلتۇر بىر ئەخلەت ساندۇقىدا كۆيۈپ كەتكەن جەسەتلەر تېپىلغان بولۇپ، بۇ جەسەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ دىنئاسى بىر جەسەتنىڭ دىنئاسى بىلەن ئوخشاش چىققانىدى.
تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلغان تەپتىش خادىمى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇلتۇر سېنتەبىردىن باشلاپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئادالەت تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر