ئىيوردانىيە «ئى ش ئى د» ئەزاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى

«ئى ش ئى د» ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئىيوردانىيەمۇ قولغا ئېلىنغان تېرورچى ساجىيە ئەل رىشاۋى بىلەن يەنە بىر نەپەر تېررورچىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.

210949
ئىيوردانىيە «ئى ش ئى د» ئەزاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە، تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»غا تېگىشلىك جاۋاپنى قايتۇردى.
«ئى ش ئى د» ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئىيوردانىيەمۇ قولغا ئېلىنغان تېرورچى ساجىيە ئەل رىشاۋى بىلەن يەنە بىر نەپەر تېررورچىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.
ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى «ئى ش ئى د»نىڭ مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ بەدىلىگە تېررورچى ساجىيە ئەل رىشاۋىنى قويۇپ بېرىش شەرتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئەمما ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە دائىر كونكېرت پاكىت تەلەپ قىلغان ئىدى.
تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»نىڭ ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنى ئۆلتۈرگەن سىنئالغۇ كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ساجىيە ئەل رىشاۋى قاتارلىق ئىيوردانىيە تۈرمىلىرىدىكى «ئى ش ئى د»نىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيەنىڭ تېرولۇققا قارشى كۈرەشتە ئىيوردانىيە ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن تۇلۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ھېچ قانداق ئىنسانىي قىممەت قاراشقا توغرا كەلمەيدىغان بۇ ۋەھشى ۋەقەنى ئەيىبلەيمىز. مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ ئائىلىىسگە، قېرىنداش ئىيوردانىيە پادىشاھلىقى ۋە خەلقىگە سەۋىر – تاقەت تىلەيمىز» دېيىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ سىئالغۇ ھەققىدە توختلىپ، «بۇ "ئى ش ئى د"نىڭ نە قەدەر ئەخلاقسىزلىقى ۋە ۋەھشىلىكىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنىشىدۇر» دېدى.
ئوباما ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ ئاخىرىقى تېنىقىغىچە ئىيوردانىيەنىڭ جاسارىتىگە سىېۋوللۇق قىلغان بىر كىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېن پىساكىمۇ مۇئاز ئەلقەساسىبىنىڭ قولغا ئېلىىنىشى ۋە ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار رسىملەر بىلەن سىئالغۇلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر