ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 11 نەپەر پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنى قولغا ئالدى.

211804
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنى قاماققا ئالدى.
پەلەستىلنىك ئەسىرلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەل خەلىل شەھىرىدە ئەتىگەن سەھەردە ئېلىپ بارغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، 14 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 7 نەپەر ئۈسمۈرنى قولغا ئالدى» دېيىلدى.
باياناتتا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەلخەلىل شەھىرىدىنلا جەمئىي 35 كىچىك بالىنى قولغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
قۇددۇستا بولسا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 17 ياشتىن تۆۋەن 4 كېچىك بالىنى قاماققا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە بۇ قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە ھېچ قانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پات پات ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كېرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ.
پەلەستىن تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا، ھازىر ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 7 مىڭ ئەتراپىدا پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر