ئىراقتا سۈننىيلەر ئۈچۈن يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزۈلدى

ئىراق ھۆكۈمىتى مالىكى دەۋرىدىكى سۈننىيلەرنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزدى.

208253
ئىراقتا سۈننىيلەر ئۈچۈن يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا مالىكى دەۋرىدىكى سۈننىيلەرنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ھايدار ئابادى ھۆكۈمىتى، يېڭى قانۇن لايىھەسى تۈزدى. لاھىيەگە ئاساسەن، سۈننىيلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن مىللىي مۇھاپىزەت برىگادىسى قۇرۇلىدۇ. كۆپىنچىسى سۈننىي بولغان سابىق بائاس پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئارمىيەدە ۋە باشقا مەمۇرىي ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.
سۈننىي گۇرۇپپىلار پات ئارىدا ئىراق پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىغان لايىھەنى يېتەرسىز؛ شىئەلەر بولسا، «كۆپ يول قويۇلدى» دەپ قارىماقتا. ئىراقتا 2003 – يىلى باشلانغان ئامېرىكا ئىشغالىدىن بۇيان بائاس ئەزالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قېتىم ياخشىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇ كىشىلەرنى مەمۇرىي خىزمەتلەردە چەتكە قېقىش داۋاملاشقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر