«سىربىيە بىلەن كىرودىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلمىدى»

خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسى سىربىيە بىلەن كىرودىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلمىغانلىقلىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

208097
«سىربىيە بىلەن كىرودىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسى كىرودىيە بىلەن سىربىيە ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
كىرودىيە بىلەن سىربىيە بىر-بىرلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنغانىدى، ئەدلىيە مەھكىمىسى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىربىيەنىڭ سابىق يوگۇسلاۋىيەنىڭ يىمرلىش مۇساپىسىگە توغرا كەلگەن 1990-يىللاردا كىرودىيەدە ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتى سادىر قىلمىغانلىقىغا قارار قىلدى.
سوت مەھكىمىسى باشلىقى پېتېر تومكا كىرودىيەنىڭمۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇرۇش ئەسناسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىلمۇ خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان سوت مەھكىمىسى باشلىقى، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل بولالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
بۇ دېلو 1999-يىلى باشلىغان بولۇپ، سابىق يوگۇسلاۋىيە پارچىلانغان مەزگىللەردە خەلقىنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىرودىيە، سىربىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.
ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ سىربىيەنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قارار قىلىشىغا قارىتا، ھەرىكەتكە ئۆتكەن زاگرەب ھاكىمىيىتى كىرودىيەگە ئوخشاش سىرب خەلقىنىڭمۇ قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرودىيە ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.
سىربىيە ئىلگىرىمۇ خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە بوسنا-گىرىتسىگوۋېنانىڭ سىرېبرېنىتسا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغانىدى.
ئەدلىيە مەھكىمىسى 2007-يىلى سوت ئېچىپ، سىرېبرېنىتسادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، سىربىيەنىڭ بۇنىڭدىن بىۋاستە جاۋابكار ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر