خىتاي: بىز ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

207205
خىتاي: بىز ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تىبەتنىڭ روھانىي لىدىرى دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي، ئامېرىكىدا 5- فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «National Prayer Breakfast» پائالىيىتى جەريانىدا ئوبامانىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ روھانىي لىدىرى دالاي لاما بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا ‹خىتاي ھەر قانداق بىر دۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى› دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتچى خوڭ لېي، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ سەزگۈر ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، چەتنىڭ مۇداخىلىسىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

خوڭ لېي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تىبەت مەسىلىسىدە ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتلەرگە ئالاقىدار ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر