ئەنگلىيە مۇخبىر پېتېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئىپادە بىلدۈردى

بىر يىلدىن بۇيان مىسىردا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىر پېتېر گرېستنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئەنگلىيەدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

206689
ئەنگلىيە مۇخبىر پېتېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراردىن مەمنۇن بولغان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خاموند، مىسىر ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى باشقا مۇخبىرلار ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يولىدا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە چاقىردى.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ مۇخبىرى پېتىر گرېست تۈنۈگۈن قويۇپ بېرىلىپ، دۆلەت چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى. مىسىر ھۆكۈمىتى ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ قاماقتىكى ئىككى مۇخبىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

تەپتىش مەھكىمىسى مۇخبىرلارنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر