پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

پاكىستان ئارمىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈكسەك ئىقتىدارغا ئىگە ۋە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

206233
پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان «رائاد» ناملىق مۇساپىسى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلدى. يۈكسەك ئىقتىدارغا ئىگە رادارغا چۈشمەيدىغان «رائاد» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئادەتتىكى ۋە يادرو ئوق باشلىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
پاكىستان ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتتا، رائاد باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىيالايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
يادرو قورالىغا ئىگە بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتى بولغان پاكىستاندا مۇساپىسى 5 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان ۋە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر