خىتايدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

خىتايدا «يامان روھ چاپلىشىۋالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىككى تەرىقەت ئەزاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

205930
خىتايدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭنىڭ ساۋيۈەن شەھىرىدە يانفون نومۇرىنى بەرمىگەنلىكىنى ۋە «يامان روھ چاپلىشىۋالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر ئايالنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بەش تەرىقەت ئەزاسىدىن جاڭ فەن بىلەن جاڭ لىدوڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. 2014 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا شەندۇڭ يەنتەي ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بەش تەرىقەت ئەزاسى ئىچىدىكى جاڭ فەن ۋە جاڭ لىدوڭ ئىسىملىك ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولۇپ، قالغانلار مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014 – يىلى 28 – ماي ساۋ يۈەن شەھىرىدىكى بىر تەييار تاماق رېستورانىدا تەرىقەت ئەزاسى بولغان بەش كىشى 37 ياشلىق ئايالنى يانفون نومۇرىنى سورىغاندا رەت قىلدى، دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. جىنيايەتچىلەر «چۈەن نېڭشېن» تەرىقىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئايالدا «يامان روھ» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا، جىنايەتچىلەرنىڭ يانفون نومۇرىنى بەرگەن كىشىلەرنى تەرىقەتكە كىرىشكە زورلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا يۈز بېرىشى ۋە بىر ئايالنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتايدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تەرىقەت ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان نازارەت ھەمدە باشقۇرۇشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر