ئىسرائىلىيەنىڭ قارارى پۈتكۈل دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 450 ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش قارارى پۈتكۈل دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.

203929
ئىسرائىلىيەنىڭ قارارى پۈتكۈل دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى «قانۇنسىز قىلمىش» دەپ ئاتىدى.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىسرائىلىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئېرنېست، بۇ ھەقتە قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئېرنېست، بۇنىڭ ھەم پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىسرائىلىيەنى خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم قالدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر