ئى ش ئى د نىڭ خىمىيەلىك قورال مۇتەخەسسىسى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئى ش ئى د نىڭ خىمىيەلىك قورال مۇتەخەسسىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

204273
 ئى ش ئى د نىڭ خىمىيەلىك قورال مۇتەخەسسىسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئى ش ئى د گە قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تەشكىلاتنىڭ خىمىيەلىك قورال مۇتەخەسسىسى ئەبۇ مالىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «مالىكنىڭ ئۆلۈمى، ئى ش ئى د نىڭ خىمىيەلىك قورال ياساپ مەسۇم ئىنسانلارغا قارشى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ» دېيىلدى.
24 – يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلگەن ئەبۇ مالىكنىڭ، ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ساددام ھۈسەيىن ئۈچۈنمۇ ئىشلىگەنلىكى جاكارلاندى.
ئەبۇ مالىكنىڭ 2005 – يىلى ئەلقائىدەنىڭ، كېيىنچە ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، خلور گازىغا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان ئى ش ئى د نىڭ، خىمىيەلىك قورالغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق دەلىل يوق ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر