فىلىپپىندە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى باتاڭگاس ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

204513
فىلىپپىندە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىندە ماھارەت كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ھەربىي ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.
فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى باتاڭگاس ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«Marchetti SF-260» تىپلىق كېچىك ھەربىي مەشىق ئايروپىلانى رايوننىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ماھارەت كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىدى.
ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى ئۇچقۇچىلارنىڭ جەسىتىنىڭ ساھىلدىن 300 مېتىر ئۇزاقلىقتا دېڭىز يۇزىدىن تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر