مىسىردا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 32 كىشى ئۆلدى

مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى، ئەرش ۋە سۇۋەيش شەھەرلىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 32 گە يەتتى، 52 يېقىن كىشى يارىلاندى.

203391
مىسىردا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 32 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئى ش ئى د نىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدىكى ئەنسار بەيت مەقدىس گۇرۇپپىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ھۇجۇملاردىن كېيىن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن كەتكەن ئېفىيوپىيە زىيارىتىنى يېرىم قالدۇرۇپ دۆلىتىگە قايتىش قارارى ئالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى ھەمدە ۋاشىنگىتوننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق قاھىرەنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر