مىسىردا بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

سىنا يېرىم ئارىلىدا ئەرش ۋە سۇۋەيش شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 30 كىشى قازا قىلدى، 50 كە يېقىن كىشى يارىلاندى.

202433
مىسىردا بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى شەيخ زۇۋەيد ۋە رەفاھ رايونىدىكى مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان «ئەنسار بەيت مەقدىس» تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى ھەمدە ۋاشىنگىتوننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق قاھىرەنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر