كابۇلدا ئۈچ ئامېرىكىلىق ئۆلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بىر ئافغانىستان ئەسكىرى ئۈچ ئامېرىكىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىنى ئۆلتۈردى.

202730
كابۇلدا ئۈچ ئامېرىكىلىق ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمدا، بىر ئافغانىستان ئەسكىرى ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ تۈنۈگۈن (29 – يانۋار) كەچتە ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارغا قارىتا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەدە ھۇجۇمچىمۇ ئۆلدى. ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن توختام بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تالىبان باياناتچىسى زابىيۇللاھ مۇجاھىت، ۋەقەگە تالىباننىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر