بېلگىيەدە تېررورچى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

گۇماندارلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە قورال – ياراق تېپىلمىدى.

203471
بېلگىيەدە تېررورچى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە سۈرىيەگە ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئادەم توپلىغانلىق جىنايىتى بىلەن 22 كىشى قولغا ئېلىندى.
گۇماندارلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە قورال – ياراق تېپىلمىدى. بىراق فېدېرال تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قىلىنىدىغان ياردەمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەپتىش ئىدارىسى بۈگۈنكى بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 2 ھەپتە ئىلگىرى 1 ساقچى ۋە 2 گۇماندارنىڭ ئۆلىمى بىلەن نەتىجىلەنگەن ھەرىكەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بىريۇسسېل ۋە ئانۋېرس قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 شەھەردە تەڭلا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغان گۇماندارلار بۈگۈن سوتقا چىقىرىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتە ۋېرۋېرسدىكى بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈلگەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىدىن گۇمان قىلىنىپ، گىرېتسىيەدە قولغا ئېلىنغان ئۆمەر داماس ئىسىملىك كىشى بېلگىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر