ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جولان چۇقىسىدىكى 3 نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

199686
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ گولان چۇقىسىدىكى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى 3 نىشاننى بومباردىمان قىلدى.
رايوندىكى يەرلىك پائالىيەتچىلەر بەزى راكېتامىيۇتلارنىڭ گولان چۇقىسىدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە چۈشكەنلىكى ۋە ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جولان چۇقىسىدىكى كۇنېيترا شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان 90 – قىسىم بىلەن 3 نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، «گولان چوقۇسىدىن راكىتامىيۇتلار ئىسرائىلىيەگە چۈشكەندىن كېيىن، جىددىي سېگنال ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەسەد قىسىملىرى جايلاشقان 3 نۇقتىنى بومباردىمان قىلدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر