ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگرىسى كەسكىنلىشىپ كەتتى

ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلدى.

200339
ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگرىسى كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ شەبا دېھقانچىلىق رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە بولسا لىۋان چېگرىسىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان چېگرىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان 9 ئاپتوموبىلغا روكېت بومبىسى ئېتىلدى. 1 چارلاش ماشىنىسى ۋەيران بولغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھىزبۇللاھ ئۈستىگە ئالدى. ئىسرائىلىيە ھۇجۇملاردا بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 4 ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھىزبۇللاھ ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز 4 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى چېگرا تەرەپنى ئوققا تۇتتى. لىۋان ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 25 توپ ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زىيارىتىنى يېرىم يولدا ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي يىغىنغا قاتناشقان باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ، ھۇجۇملارغا چوقۇم قايتۇرما زەبە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە چېگرىسىدىكى گولان تۆپىلىكلىرىدىمۇ ئىسرائىلىيە بازىلىرىغا توپ ئوقى ئېتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ھىزبۇللاھ ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدە 10 كۈن ئىلگىرى ھىزبۇللاھ قوماندانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھغا تەۋە چارلاش ئەترىتىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، ھىزبۇللاھنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن مۇھەممەد ئىسا ۋە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزلىرى قوماندانلىرىدىن گېنېرال مۇھەممەد ئەللادادى بىلەن بىرلىكتە 4 ئۆلگەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگرىسىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا، بىر نەپەر ب د ت تىنچلىق ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر