شاڭخەيدە %5 ئەر - ئايال ئىككىنچى بالا ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە مەركىزىي ھېسابلىنىدىغان شاڭخەيدە، ئىمكانى يەتكەن ئەر – ئاياللارنىڭ پەقەت %5 ى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدۇ.

199282
شاڭخەيدە %5 ئەر - ئايال ئىككىنچى بالا ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بوشاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى بالىلىق بولۇش ئۈچۈن ئىمكانى يار بەرگەن ئەر – ئاياللاردىن پەقەت %5 نىڭ ئىلتىماس سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شاڭخەي سەھىيە ۋە ئائىلە پىلانلاش كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتتا، شەھەردە ئۆيلەنگەن ئاياللاردىن %90 نىڭ ئىككىنچى بالا ئۈچۈن كېرەكلىك شەرتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئەر – ئاياللاردىن بىرى يالغۇز پەرزەنتلىك بولسا، ئىككىنچى بالا ئېلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن يېڭى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماس نىسبىتىنىڭ %5 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مەسئۇل دائىرىلەر، بۇ ئەھۋالنى چوڭ شەھەرلەردە ئاتا – ئانا بولۇشنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرسە؛ ياش ئەر – ئاياللار، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشتىن بەكرەك ئۆزىگە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
شاڭخەي سەھىيە ۋە ئائىلە پىلانلاش كومىتېتى ئائىلە تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فەن خۇا، شەھەردە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ تەشۋىق قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش ئائىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىقتۇر» دېدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى كۆپ تالاش – تارتىش قىلىنغان بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىنى بوشىتىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەر – ئاياللارنىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولسا، بۇ ئائىلىنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. خىتايدا 1970 – يىللاردا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا يولغا قويۇلغان بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يېزا نوپۇسىدىكىلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىم تۇتۇلۇۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر