ئارىنچ گىرېتسىيەنىڭ كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئې

بۈلەنت ئارىنچ گىرېتسىيەنىڭ مۇقىم ۋە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

198704
 ئارىنچ گىرېتسىيەنىڭ كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئې

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار توغرىلىقمۇ توختالغان ئارىنچ، قوشنا دۆلەتتە مۇقىم ۋە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.
گىرېتسىيەدە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان يېڭى ھۆكۈمەتكە مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن ئارىنچ، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
تەخمىنەن 7 سائەت داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن قايتا بايانات ئېلان قىلىنمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر