ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرىسى كەسكىنلىشىپ كەتتى

ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرىسىدە ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى

198516
ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرىسى كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرىسىدا يۈز بەرگەن ئاخىرقى توقۇنۇش بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى 1236 قېتىم دەپسەندە قىلىنغان بولدى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ساركىيساننىڭ «ئۇرۇش تەھدېتىگە» قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ساركىسياننىڭ ئەزەربەيجانغا تەھدېت سېلىپ بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ دىققىتنى ۋە كۈنتەرتىپنى باشقا ياققا بۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئادداقىچە كۈرەش قىلالايدىغان كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
كېيىنكى توقۇنۇشلاردا ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا ئېغىر تىپلىق قورالار بىلەن ئوق ئاچتى. توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار بولمىدى. يېڭى يىلدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 3 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، ئەرمېنىيە تەرەپتىن 17 ئەسكەر ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر