ترابلۇستا قوراللىق كىشىلەر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا قوراللىق كىشىلەر بىر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى.

198940
ترابلۇستا قوراللىق كىشىلەر مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا 5 ى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 كىشى يارىلاندى.
زوراۋانلاردىن ئىككىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى جاكارلاندى.
نىقابلىق زوراۋانلارنىڭ مېھمانسارايغا بېسىپ كىرىپ قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مېھمانسارايدا تۈرك، ئىنگلىز، ئىتاليان قاتارلىق مېھمانلارنىڭ بارلىقى، لېكىن ھۇجۇم ۋاقتىدا مېھمانساراينىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بوش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى زوراۋانلارنى مېھمانساراينىڭ 2 – قەۋىتىدە قورشىۋالدى.
ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 2 زوراۋاننىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
زوراۋانلارنىڭ مېھمانسارايدىكى بىر كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ لىۋىيە گۇرۇپپىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر