مۇقدىشودا ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن ھۇجۇم يۈز بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سومالى زىيارىتىدىن بۇرۇن مۇقدىشودىكى تۈركىيە ھەيئىتىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

194591
مۇقدىشودا ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن سومالى ساقچى دائىرىلىرى، تۈركىيە ھەيئىتى قالغان مېھمانخانىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى مەھمەت گۆنۈللۈ: «ھۇجۇمدا سومالى پۇقرالىرىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ بار بولۇش ئېھتىمالى بىلدۈرۈلمەكتە» دېدى.
ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە، بۈگۈن (22 – يانۋار) ئېفىيوپىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئەتىكى جىبۇتى زىيارىتىدىن كېيىن سومالى پايتەختى مۇقدىشوغا يېتىپ بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇقدىشودا 2013 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىر بىناسى ئالدىدا ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى مەمۇرى سىنان يىلماز شېھىت بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ھۇجۇمنى تۈركىيەنىڭ سومالىغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىدىن بىئارام بولغان ئەل قائىدەگە چېتىشلىق «ئەل شەباب» تەشكىلاتى مەسئۇل بولغان ئىدى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە مۇقدىشودىكى تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ شۆبىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئامانلىق قوغداشقا مەسئۇل سادەتتىن دوغان بىر قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر