جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېفىيوپىيەدە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئافرىقا زىيارىتى تۈنۈگۈن باشلاندى.

193551
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېفىيوپىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئافرىقا تۇمشۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرگە قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئاباباغا يېتىپ باردى.
ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ھايلېمارىئام دېسالېگىن ۋە تۈركىيەنىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوسمان رىزا ياۋۇزالپ قارشى ئالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەددىس ئابابادا بۈگۈن ئېفىيوپىيە پىرېزىدېنتى مۇلاتۇ تېشومې ۋىرتۇ ۋە باش مىنىستىرى ھايلېمارىئام دېسالېگىن بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئەردوغان بىلەن ۋىرتۇ ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئۇچرىشىشلاردا سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر