ئەردوغان شىنزۇ ئابې بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەھبەرلەر سۈرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ياپونىيەنىڭ ئىككى نەپەر پۇقراسى ھەققىدە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدە ئىككى نەپەر ياپونىيەلىكنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئىككى رەھبەر بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئۇچرىشىشتا يەنە، رايوندىكى قالايمىقانچىلىقلاردا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر جەھەتتىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 20 – گ گۇرۇھىدىن سىرت يەنە، سىنىوپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.