ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۇرۇش داۋاملاشماقتا

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا 4 مىڭ 800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.

191664
 ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۇرۇش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشلار تۈپەيلى بىنالار ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن، توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئاللىقاچان توختاپ قالغان بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك قىيىنچىلىقى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.
ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئىچىدە قالغان خەلق بولسا چارىسىزلىك ئىچىدە پەرياد چەكمەكتە.
ئۇكرائىنا باش ئىشتاب باشقارمىسى دونېتسىك ئايرودۇرۇمىنىڭ كونىتروللۇقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئايرودۇرۇمدىن بۇ يەردىكى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە ئوق - دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىماقتا.
رۇسپەرەسلەر بولسا دونېتسك ئايرودۇرۇمنىڭ كونىتروللۇقىنىڭ ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ئارىلىقتا، شەھەردە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
بىر توپ ئوقىنىڭ دونېتسىك دوختۇرخانىسىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىرى دوختۇر بولۇپ جەمئىي 6 كىشى يارىلاندى، دوختۇرخانىدا ئېغىر ماددى زىيان كۆرۈلدى.
توقۇنۇشلار ئەۋج ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكوغا مەكتۇپ يوللاپ، تىنچلىق پىلانى تەكلىپى سۇندى.
پوروشېنكو بولسا تەكلىپنى رەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر