تەيۋەندە 2 كىشىنى قۇتقۇزىمىز، دەپ 6 كىشى ئۆلدى

تەيۋەن پايتەختى تەيبىينىڭ جەنۇبىدىكى تاۋيۈەن شەھىرىدە ئالتە نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

191982
تەيۋەندە 2 كىشىنى قۇتقۇزىمىز، دەپ 6 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە 2 كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن جىددىي ئوت ئۆچۈرۈۋاتقان پەيتتە زالنىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. 6 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى خارابىلىقنىڭ  ئاستىدا قېلىپ جان بەردى. مەزكۇر ۋەقە تەيۋەن پايتەختى تەيبىينىڭ جەنۇبىدىكى تاۋيۈەن شەھىرىدە يۈز بەردى.
ئۈچ قەۋەتلىك باۋلىڭ توپ زالىدا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئېلېكتىردىن مەسىلە كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلغان ۋە زال ئىچىدىكى ئىككى كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.
قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، ئوت ئۆچۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە زالنىڭ تۆمۈر تورۇسى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۈستىگىلا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ۋەقەدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر