مىسىر ساقچىلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىييە شەھىرىدە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىييە شەھىرىدە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە ئىككى ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مېنانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەلمۇنتەزەھ ساقچى پونكىتىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن. خەۋەردە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھۇجۇمدا ئىككى ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ساقچى پونكىتىغا يېقىن يەردە ئىككىنچى بىر بومبىنىڭ چۇۋۇپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گېنېرال ئەمىن ئىززۇددىن، بومبا چۇۋۇش ئەترىتىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئىسكەندەرىييە شەھىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئالتە بومبىنى چۇۋۇپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.