چارلى ھېبدوغا قارشى نارازىلىقلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى ئىشخانىسىغا ئۆتكەن ھەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان چار لى ھېبدو ژۇرنىلىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا يەنە مۇنازىرە قوزغايدىغان ھەجۋىي رەسىمدىن بىرنى بېسىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

186493
چارلى ھېبدوغا قارشى نارازىلىقلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە مۇقەددەس زاتلارغا ھاقارەت قىلىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىشى توغرىسىدا خەلقئارالىق قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى.
قۇددۇس مۇپتىسى ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا قارشى پەرۋاسىزلىق قىلىش» نىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىيوردانىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي قانىتى بولغان ئىسلامىي فىرونت پارتىيەسى، ژۇرنال ئېلان قىلغان ھەجۋىي رەسىم سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سۇدان مۇسۇلمان ئالىملار ھەيئىتى مۇسۇلمانلارنى جۈمە كۈنى نامايىش قىلىشقا چاقىردى.
ھاماس ژۇرنالنىڭ بۇ خىلدىكى نەشىرلىرىنىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى ژۇرنالنىڭ يېڭى سانىغا بېسىلغان ھەجۋىي رەسىملەرگە، «مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان يېڭى ۋە خەتەرلىك ھاقارەت بولۇشتىن باشقا، زوراۋانلىق ھەمدە تېررورلۇقنى قوللايدىغان ھەرىكەت» دەپ باھا بەردى.
يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇررابۇ مانسۇر ھادى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان سەئىد كواچىنىڭ يەمەندە يېتىشتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ: «ئاخباراتلاردا خاتا مەلۇماتلار ئارقىلىق يەمەننى قارىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر