ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم يېقىنقى 36 سائەت ئىچىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نۇقتىلىرىنى 27 قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

184004
ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا سىنجارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان كۈرت (كورد) قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئى ش ئى د ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار كەسكىن داۋام قىلماقتا. پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەن نەبائى رايونىدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن شىئە گۇرۇپپىلار ئى ش ئى د غا قارشى ئورتاق ھۇجۇمغا ئۆتتى. رايوندا شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈز بەردى. سالاھاددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ساماررا ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدە شىئە گۇرۇپپىلارغا قارشى قىلىنغان ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا تۆت ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 11 ئادەم يارىلاندى.
ئامېرىكا بولسا، ئى ش ئى د نىڭ مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (SENTKOM) نىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى. ئى ش ئى د ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەرنىڭ بەزى مەخپىي مەلۇماتلىرى ۋە تۋىتتېر ئادرېسلىېرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاقساراي ۋە مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇللىرى ۋەقەنى توغرىلىدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەلۋەتتە، بۇ ناھايىتى چوڭ ۋەقە، تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر