فىرانسىيە باسىلىنى قەھرىمان ئېلان قىلدى
فىرانسىيە 24 ياشلىق مالىلىق كۆچمەن لاسسانا باسىلىنى قەھرىمان ئېلان قىلدى.
183359
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا جۈمە كۈنى بىر يەھۇدىي دۇكىنىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 15 كىشىنى ئامبارغا سولاپ قويۇش ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان لاسسانا باسىلىغا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ رەھمەت ئېيتتى. باسىلىغا ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەت ئوردېنى بېرىلىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. باسىلى قۇتۇلدۇرۇۋالغان كىشىلەر ئارىسىدا 7 نەپەر يەھۇدىيمۇ بار ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۇكاننىڭ ئالدىدا ھازىرلانغان جايغا قۇربانلار ئۈچۈن گۈلچەمبىرەكلەر قويۇلدى، شاملار يېقىلدى.