ۋاشىنگىتوندا گۇانتانامو تۇرمىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پايتەخت ۋاشىنگىتوندا گۇانتانامو تۇرمىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

181912
ۋاشىنگىتوندا گۇانتانامو تۇرمىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا گۇانتانامو تۇرمىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنىڭ مەزكۇر تۇرمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
گۇانتانامو تۇرمىسىدىكى مەھبۇسلارغا كىيدۈرۈلگەن جۈزە رەڭلىك تۇلۇم ۋە قارا خالتىلارنى كىيىۋالغان نامايىشچىلار قانۇنسىزلىقنىڭ سىمۋولى بولغان تۇرمىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
گۇانتانامو تۇرمىسى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن تېررور گۇماندارلىرىنى قاماش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولىسمۇ، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرغىچە سوتلانمىغان.
ئوباما ھاكىمىيىتى تۇرمىدىكى بەزى مەھبۇسلارنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، مەھبۇسلارنىڭ سانى 127گە تۆۋەنلىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر