ۋاشىنگىتوندا CIAغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋاشىنگىتوندا CIA نىڭ قىيىن-قىستاقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

180709
ۋاشىنگىتوندا CIAغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ ھازىرمۇ ئوچۇق بولۇشىغا ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى CIA نىڭ مەھكۇملارغا قىيىن-قىستاق قىلىش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
ئالىي پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى 2014-يىلى 9-دېكابىردا CIA نىڭ 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تېررور گۇماندارلىرىغا قىلغان قىيىن-قىستاقلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانىدى.
كودې پىنك ناملىق بىر ئورگانمۇ گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەختتە نامايىش ئۆتكۈزدى. تەخمىنەن 60 ئادەم قاتناشقان نامايىشتا، نامايىشچىلار دەسلەپ CIA مۇدىرى جون بىرېنناننىڭ، ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دىك چېنېينىڭ ئۆيى ئالدىدا، كەينىدىن CIA ئىدارىسى ئالدىغا كېلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
CIA نىڭ مەھكۇملارغا قىلىنغان قىيىن-قىستاقلاردىن جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلىشقان نامايىشچىلار، گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى لازىملىقىنىمۇ بىلدۈرۈشتى.
گۇانتانامو تۇرمىسى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن، 2002-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئېچىلغانىدى.
كودې پىنكنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مېدېيا بېنجامىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن دېموكراتىك بىر دۆلەت بولىدىغان بولسا، بۇنداق قىيىن-قىستاقلارغا، مۇددىتى ئېنىق بولمىغان قاماق جازالىرىغا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىپ گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان قىلمىشلارغا يول قويىدىغان چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.
نامايىشلاردا چېنېىينىڭ شەخسىي مۈلكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ئىككى نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر