لىۋاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

لىۋاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى، 37 ئادەم يارىلاندى.

180702
لىۋاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ تىرابلۇس شەھىرىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى، 37 ئادەم يارىلاندى.
نۇسەيرىلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەبەل مۇھسىن مەھەللىسىدىكى بىر قەھۋەخانا ئالدىدىمۇ بومبا پارتىلتىلدى. ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن يەرگە يىغىلغان كىشىلەرگە ئارىسىغا بىر ئادەم بومبا كىرىپ ئۆزىنى پارتلاتتى.
9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 36 ئادەم يارىلانغان ھۇجۇمنى نۇسرا فىرونتى ئۈستىگە ئالدى. تەشكىلات ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، لىۋان باش مىنىستىرى تېممام سەلام ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى ھەققىدە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇم لىۋانلىقلارنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، دۆلەتنىڭ تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر