ھايتىدا پىرېزىدېنتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھايتىدا پىرېزىدېنتقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

181165
ھايتىدا پىرېزىدېنتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پورت-ئاۋ-پىرىنستا پىرېزىدېنت مايكېل مارتېلېينىڭ ئىستىپاسىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ پىرېزىدېنتقا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ۋەقە كېلىپ چىقتى.
ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشقا ئۇرۇندى.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. ھايتىدە بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان نامايىشلار نەتىجىسىدە باش مىنىستىر لاۋرېنت لامونتې ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
ھايتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىگە بەش بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغان قانۇن سەۋەبلىك سايلام ئۆتكۈزۈلمەيۋاتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر