گېرمانىيەدە بۇ قېتىم كۆچمەنلەر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەنىڭ دىرېزدىن شەھىرىدە بۇ قېتىم كۆچمەنلەرنى قوغداپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

180642
گېرمانىيەدە بۇ قېتىم كۆچمەنلەر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بۇ قېتىم كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نامايىش پەگىدا نامايىشلىرىدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك بولدى. دىرېزدىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى خېلما ئوركى ۋە ساكسونىيە ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى سىتانىسلاۋ سىتانىسلاۋ تىلىچمۇ قاتناشتى.
سىتانىسلاۋ تىلىچ نامايىشتا ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى چىقىش بىلەن دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان پەگىدا ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، شەھەرنىڭ پەگىدا ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈردى.
ئوتتۇز بەش مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ نامايىش، شەھەردە ئەڭ ئاز 18 مىڭ ئادەم قاتناشقان پەگىدا نامايىشىدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر