پارىژدىكى قوش گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى

7 – يانۋار پارىژ ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاكا – ئۇكا ۋە يەھۇدىي ماگېزىنىغا ھۇجۇم قىلغان بىر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھەرىكەتتە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

179423
پارىژدىكى قوش گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دامارتېن ئانگوئېل بازىرىدا ۋە شەرقتىكى بىر ماگېزىندا يۈز بەرگەن قوش گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى، ساقچىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا باشلىغان زەربىسىدە ئاخىرلاشتى. نەتىجىدە 7 – يانۋاردا شارلى ئېبدو ژۇرنىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن سەئىد ۋە شەرىف ئاكا – ئۇكا بىلەن يەھۇدىي ماگېزىنىغا ھۇجۇم قىلغان ئامەدىي كۇلىبالى ئۆلتۈرۈلدى. فىرانسىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتقان ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاخىرلاشتى. ھەرىكەتتە، گاز بومبسى ئېتىلدى، ئارقىدىن قىسقىغىنە توقۇنۇش چىقتى. بۇ جەرياندا گۆرۈگە ئېلىندى، دەپ تەخمىن قىلىنغان، ئەمما بىنادا يوشۇرۇنۇپ ساقچىلارغا ياردەم قىلغان بىر كىشى قۇتۇلۇپ چىقتى. ھەرىكەتتە بىر ساقچى يارىلاندى.
ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ يوشۇرۇنغان جايدىن چىقىپ ساقچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پارىژنىڭ شەرقىدىكى يەھۇدىي ماگېزىندا كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئامەدىي كۇلىبالىغىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا زەربە بېرىلدى. چىققان توقۇنۇشتا، ماگېزىندا تۆت قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى، كۇلىبالى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ساقچىلار گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۆت كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىپ تاپقان نۇرغۇنلىغان گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ۋە ئۈچ ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر