پارىژنى قانغا بويىغان ھۇجۇمچىلاردىن بىرى تەسلىم بولدى

7 – يانۋار پارىژ ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغان ئۈچ گۇمانداردىن بىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى، قالغان ئىككىسىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

177921
پارىژنى قانغا بويىغان ھۇجۇمچىلاردىن بىرى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7– يانۋار پارىژ ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە فىرانسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھۇجۇمچىلاردىن 18 ياشلىق ھامىد مۇراد ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، مۇناسىۋەتلىك يەتتە گۇماندار قولغا ئېلىندى. ساقچى دائىرىلىرى 34 ياشلىق سەئىد كواچى بىلەن 32 ياشلىق ئىنىسى شەرىف كواچىنىڭ فىرانسىيەنىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئېنىقلىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدا يېمەك – ئىچمەك ھەمدە بېنزىن بۇلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە ئالاھىدە ساقچى قىسمى رايونغا ئەۋەتىلدى.
فىرانسىيە مېترو گېزىتى، تۈنۈگۈن (7 – يانۋار) كى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچىلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر