مېكسىكىدا ئاممىۋى مازار تېپىلدى
مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇئېررېرو ئىشتاتىدا يەرگە كۆمۈۋېتىلگەن 10 جەسەت بىلەن 11 كىشىنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشى تېپىلدى.
176817
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوللىرى باغلانغان ھالدا تېپىلغان بولۇپ، جەسەتلەردە قىيىن – قىستاق ئىزلىرى بايقالغان.
بۇلتۇر نويابىردىمۇ رايوندا بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغان 11 جەسەت تېپىلغانىدى.
26 – سېنتەبىر كۈنى گۇئېررېرو ئىشتاتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن 43 ئوقۇغۇچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى.