ۋىيېننادا بومبا ئالاقزادىلىكى يۈز بەردى

بومبىنى ئۇچراتقان مەھمەت ئارسلان دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا خەۋەر قىلدى.

176596
ۋىيېننادا بومبا ئالاقزادىلىكى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈرك ئائىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسەن دېگۈدەك چەت ئەللىكلەر ئولتۇراقلاشقان بىر بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىدا بومبا بايقالدى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.
ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا چەت ئەللىكلەر ئولتۇراقلاشقان بىر بىنانىڭ كىرىشى ئېغىزىدا بايقالغان بومبا ھەممىنى چۆچۈتتى.
بومبىنى ئۇچراتقان مەھمەت ئارسلان دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا خەۋەر قىلدى.
مەھمەت ئارسلان ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، «ئۆيدىن سىرىتقا چىقىۋاتقىنىمدا ئىس ۋە بېنزىننىڭ پۇرىقى پۇراشقا باشلىدى. مەن پەلەيپەي ئارقىلىق تۆۋەن قاتقا چۈشتۈم. قارىسام سىم بىلەن باغلانغان ئىككى شىشە ۋە بىزېن ۋارىلىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە كۆردۈم» دېدى.
بومبا تازىلاش ئەترىتى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان چوڭ بىر پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر