پارىژدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 12 ئادەم ئۆلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر يۇمۇر ژۇرنىلىنىڭ بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ۋەقەدە كەم دېگەندە 12 ئادەم ئۆلدى.

176090
پارىژدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 12 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، 2 ھۇجۇمچىنىڭ ‹شارلى ئېبدو› ناملىق بىر يۇمۇر ژۇرنىلىنىڭ بىناسىغا كىرگەندىن كېيىن ئاپتومات بىلەن ئەتراپقا ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە ۋەقەدە يارىلانغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ قېچىۋېتىپمۇ ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوق چىقىرىپ، بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچىلار، يارىدارلاردىن بىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر