يەمەندە بىر شىئە كاتتىۋېشىنىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
يەمەندە بىر شىئە كاتتىۋېشى سۇيقەستكە ئۇچرىدى.
171697
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە بىر ھۇسى كاتتىۋېشىنىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
يەمەندە كېيىنكى ئايلاردا ھۇسىلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قارىتىلغان بومبىلىق ھۇجۇملار ئېشىپ بارماقتا.
پايتەخت سانئادا ھۇسى كاتتىۋاشلىرىدىن ناجى مۇھىددىننىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدا ئۆيدىكى ئۈچ كىشى بىلەن كوچىدىن ئۆتۈۋاتقان 3 كىشى يارىلاندى. پارتلاش نەتىجىسىدە ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.