ھىندونېزىيە ئايروپىلانىدىكىلەرنى ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋامل

جاۋا دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ھىندونېزىيە ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلاردىن بۈگۈنگىچە جەمئىي 37 يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

171728
ھىندونېزىيە ئايروپىلانىدىكىلەرنى ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋامل

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (5 – يانۋار) يەنە جاۋا دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئايرئاسىيا ئايروپىلانىدىكى ئۈچ يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. بۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىن تېپىلغان كىشىلەرنىڭ جەسىتى 37 گە چىقتى. ھىندونېزىيەدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچۇۋاتقاندا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايرباس يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈچۈن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى 9 – كۈنىگە قەدەم قويدى. خادىملار بورنېيو ئەتراپىدا يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدىمەكتە. سۇرايابا ئارىلىدا تېپىلغان 34 جەسەتتىن توققۇزىنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىپ ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
رايوندا ناچار ھاۋا رايى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىرغا يەتتى. دېڭىز ئاستىغا شۇڭغىغان غەۋۋاسلار دېڭىز سۈيىنىڭ لاي بولۇشى سەۋەبلىك قىينالماقتا. بۈگۈن دېڭىزدىن ئايروپىلان ئورۇندۇقلىرى، ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسىگە ئائىت بەزى پارچىلار ۋە چامادان قاتارلىق نەرسىلەر چىقىرىلدى ھەمدە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ساھىلغا ئەڭ يېقىن پاڭكالان بۇن شەھىرىگە ئاپىرىلدى.
ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە، سىنگاپور، مالايشىيا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر