ب د ت رەت قىلدى، لېكىن پەلەستىن ۋاز كەچمىدى
ب د ت تەرىپىدىن دۆلەتلىك سالاھىيىتىنىڭ ماقۇللىنىشىغا دائىر ئىلتىماسى رەت قىلىنغان پەلەستىن دائىرىلىرى بەل قويۇۋەتمىدى.
171307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىيوردانىيە بىلەن بىرلىكتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىدىن ئىلتىماس سۇنۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
ئابباس بۇ ئىلتىماسمۇ رەت قىلىنسا ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى قېتىم ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
كېڭەشنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولغان ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1967- يىلىدىن ئىلگىرىكى چېگراغا چېكىنىشىنى ۋە پايتەخت شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا رەت قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېلان قىلغان مەزكۇر لايىھە قوبۇل قىلىنمىغانىدى.
قارار لايىھەسىگە 8 دۆلەت قوللاپ، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترىيە رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغانىدى.